پايدىلىنىش ئۇچۇرى بىكەت ئۇختۇرۇشى ياردەم مەركىزى900 80
  • توردا دۇكان ئىچىش دىگەن نىمە؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2015/02/13 يوللىغۇچى : شىنجاڭ دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

توردا دۇكان ئىچىش بولسا بىر خىل ئىنتىرنىت تور دەۋرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن يىڭىچە سىتىش شەكلى بولۇپ ، كونكىرىت قىلىپ ئىيىتقاندا، تىجارەتچى ئىنتىرنىت تورىدا بىر مەۋھۇم تور دۇكاننى تىزىملىتىدۇ ۋە تاۋار سىتىپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن دوستۇم سودا شەھەرچىمىز ھەر بىر شەخىسكە توردا دۇكان ئىچىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ خىل شەكىلدىكى توردا دۇكان ئىچىش خۇددى چوڭراق سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى بىرەر پۇكەي ياكى دۇكاننى ئىجارە ئىلىپ ، چوڭ سودا ساراينىڭ تەسىرى ۋە خىرىدارلىرىنىڭ كۆپلىكىگە تايىنىپ تىجارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . 


تىجارەتچى [تور سودىگىرى] ساتماقچى بولغان تاۋارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەسىم ۋە يىزىق شەكلىدە تور بىكىتىگە يوللايدۇ ، بۇ تاۋارلارغا قىزىقىشى بولغان زىيارەتچىلەر توردا ياكى توردىن چۈشۈپ پۇل تۆلەش شەكلى ئارقىلىق  تىجارەتچىگە پۇل تاپشۇرىدۇ، تىجارەتچى پوچتا ياكى تىز يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئەمىلى تاۋارنى سىتىۋالغۇچىغا ئەۋەتىدۇ.  

ئەنئەنىۋى تىجارەت ئەندىزىسىگە سىلىشتۇرغاندا ، توردا دۇكان ئىچىشنىڭ سىلىنمىسى ئاز، تىجارەت ئۇسۇلى جانلىق ، تىجارەتچىلەر ئۈچۈن خىلى مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ھازىر بارغانسىرى نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تىجارەت قىلماقتا .



Dostum © 2006

مال يەتكۈزۇش ئۇسۇلى | كىرا ھەققى چۈشەندۈرۈلشى | مال تەكشۈرۈپ ئىلىش | سېتىشتىن كېينكى مۇلازىمەت | مال ئالماشتۇرۇش قايتۇرۇش ئۇسۇلى | بىز ھەققىدە

快递查询
新公网安备 65010202000162号