پايدىلىنىش ئۇچۇرى بىكەت ئۇختۇرۇشى ياردەم مەركىزى900 80
  • بىكەت ئۇقتۇرىشى !
  • يوللانغان ۋاقتى : 2015/03/10 يوللىغۇچى : دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : بېكىتىمىزنىڭ ئەزىر ئىشتىراكچىلىرى .

بېكىتىمىز ئىچىلىپ كەڭ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشتى . شىركىتىمىز ۋە ئىشچى خىزمەتچىرىمىز سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز . شۇنداقلا سىلەر ئۈچۈن تىخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىمىز !

بېكىتىمىز ئىچىلغان تۇنجى كۈنىدىكى سىتاستىكىدا بىر سائەت ئىچىدە بىكىتىمىزنىڭ زىيارەت مىقدارى 30000 ئادەم / قىتىمدىن ئىشىپ  مۆلچەرىمىزدىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا مۇلازىمىتىرىمىزغا چۈشكەن بىسىم ئىشىپ كىتىپ بىكىتىمىزنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىدە ئازىراق نورمالسىزلىق كۆرۈلدى .


شىركىتىمىزنىڭ تېخنىك خادىملىرى دەرھال مۇلازىمىتىرغا قارىدا ئاسراش ۋە سەپلەش ئىلىپ بىرىپ بېكىتىمىزنى نورمال ھالىتىگە قايتۇردى . شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى بىسىملارغا قارىتا تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى .

بىز بېكىتىمىزگە قارىتا داۋاملىك رەتلەش ، تولۇقلاش ، گۈزەللەشتۈرۈش ئىلىپ بارىمىز . بۇ جەرياندا سىلەرنىڭ نورمال زىيارىتىڭلارغا تەسىر كۆرسەتمەسلىككى تىرىشىمىز .


بېكىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى شىنجاڭدىكى "جۇڭگۇ تېلگىرافىنىڭ مۇلازىمىتىرىدا " ۋە "ئالى بابا گورۇھى" نىڭ بىيجىڭدىكى مۇلازىمىرىدا زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ .  سىلەرنىڭ سانلىق مالۇماتلارنىڭ يوقاپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلماسلىقىڭلارنى ئەسكەرتىمىز . شۇنداقلا يوقاپ كەتمەسلىكىگە شىركىتىمىز

كاپالەتلىك قىلىدۇ .


بىز يېڭىلىققا ئىنتىلىمىز !  بېكىتىمىزگە ھەرۋاقىت يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ  سىلەرنى ئەڭ ياخشى مال سېتىش ۋە سېتىۋىلىش مۇھىتى

بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز . تەكلىپ-پىكىر بولسا ھەرۋاقىت بىكىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلفۇن قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .


بېكىتىمىزنىڭ ييڭى شەكىلدىكى يانغۇن نۇسقىسى ۋە ئەپ دىتالى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ ... يىقىندا سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ .ئەپ دىتالىمىزغا مال ئىلىش ، مال سېتىش ، مال يوللاش ، پۇل تۆلەش ، پۇل قاچىلاش ، پۇل چىقىرىش ، مال قايتۇرۇش ،قاتارلىق تور سودىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك ھەممە ئىقتىدار مۇجەسسەلەنگەن .


ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولمايدۇ ، تىخىمۇ ياخشىسى بولىدۇ .

بىز سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلار ئارقىلىق تىخىمۇ ياخشى بولۇشقا تىرىشىمىز .

تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى داۋاملىق قوبۇل قىلىمىز .


مال ئېلىش ، ۋە دۇكان ئىچىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار بېكىتىمىز مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز .  


شىنجاڭ دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 

مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى : 2555552-0991









 



Dostum © 2006

مال يەتكۈزۇش ئۇسۇلى | كىرا ھەققى چۈشەندۈرۈلشى | مال تەكشۈرۈپ ئىلىش | سېتىشتىن كېينكى مۇلازىمەت | مال ئالماشتۇرۇش قايتۇرۇش ئۇسۇلى | بىز ھەققىدە

快递查询
新公网安备 65010202000162号